تۈركىيە ئەقىل - پاراسەتنى چىقىش نۇقتا قىلىدۇ

مىنىستىرلار كېڭىشى باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى.

135643
تۈركىيە ئەقىل - پاراسەتنى چىقىش نۇقتا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلار كېڭىشى باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى.
يىغىندا، تۈركىيەنىڭ مۇسۇل باشكونسۇلخانىسى خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىشى توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلەتلىرىدىكى توقۇنۇشلار تۈپەيلى تۈركىيەگە قاچقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ، يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، مۇسۇلدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ قانداق قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ تۇتمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئارىنچ، ئىسمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئەقىل - پاراسەتنى چىقىش نۇقتا قىلغان ئاساستا ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ پايدا - زىيىنىنى ناھايىتى ياخشى ئۆلچىگەن ھالدا ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەتنى يولغا قويىدۇ.»
ئارىنچ، تۈركىيە پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش دەۋالىرىنى رەت قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن توقۇنۇش رايونلىرىدا تۈركىيە ۋەكالەتخانىلىرىنى ئالاھىدە قىسىملارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
شىمالىي ئىراقتىن كېلىۋاتقان كۆچمەنلىك دولقۇنى مەسىلىسىمۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ كەنتەرتىپىدە ئىدى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ، بىخەتەر رايون بەرپا قىلىنىش مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىدىغان قارارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئارىنچ يەنە، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر