داۋۇتئوغلۇ: تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى ئۈچۈن پىدىيە بەرمىدۇق

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «ھېچقاچان پىدىيە بەرمىدۇق، نەقىش ئويۇلغىنىدەك ئىستىراتېگىيە تەقىب قىلىندى» دېدى

135642
داۋۇتئوغلۇ: تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى ئۈچۈن پىدىيە بەرمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «ھېچقاچان پىدىيە بەرمىدۇق، نەقىش ئويۇلغىنىدەك ئىستىراتېگىيە تەقىب قىلىندى» دېدى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، خۇسۇىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى.
داۋۇتئوغلۇ، كونسۇلخانا خادىملىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدە تەقىب قىلىنغان تۇنجى ئىستىراتېگىيەنىڭ پىسخولوگىيەلىك تاكتىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «11 – ئىيۇلدىن بېرى ھەممىمىز ناھايىتى مۇھىم بىر سىناقنى باشتىن كەچۈردۇق. پەرۋاسىزلارچە قىلىنغان بىر ئېغىر سۆز، دىققەتسىزلىك بىلەن تەقىب قىلىنغان بىر باسقۇچ ئاخىرىدا شۇ ۋەتەنداشلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇزىغا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى زور يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ. بىز پىرىنسىپ جەھەتتىن ھېچقاچان پىدىيە بەرمىدۇق، تۈركىيە پۇقرالىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ھامان ھەممە خۇددى پۇل تاپىدىغان بىر پۇرسەت تۇغۇلغاندەك مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ.»
مۇسۇل خەلقىنىڭ تۈركلەرگە زىيان يەتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر، ھەم ئۆزىنىڭ ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئورگىنى باشلىقىنىڭ رايوندىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.
داۋۇتئوغلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ۋەقەلەر جەريانىدا ئەسلىدە بىزنى تەڭلىكتە قالدۇرغىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە توقۇنۇشلار قويۇقلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە شارائىتنى كونىترول قىلالماسلىق بولدى.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر