تۈركىيە سۈرىيەلىكلەرنى يەنە باغرىغا باستى

تۈركىيە ناھايىتى زور قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنى يەنە باغرىغا باستى.

132615
تۈركىيە سۈرىيەلىكلەرنى يەنە باغرىغا باستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ناھايىتى زور قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنى يەنە باغرىغا باستى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى خەۋپىدىن قېچىپ چېگرىغا توپلانغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىشى توغرۇلۇق ئەزەربەيجاندىن يوليۇرۇق بەردى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ كەلگەنلەرنى قىلچە ئايرىمچىلىق قىلماستىن باغرىغا باسىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ كۈچى يەتكەن ۋە مەۋجۇدىيىتى داۋاملاشقان تەقدىردە، پاناھ تارتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىمىزدەك، مەيلى سۈرىيەدىن بولسۇن، مەيلى باشقا جايلاردىن بولسۇن پاناھ تارتىپ ئانادولۇغا كەلگەن قېرىشداشلىرىمىزنى ئېتنىك مىللىتى ۋە مەزھىپى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قوبۇل قىلىمىز، باغرىمىزغا باسىمىز، بۇ ئاداققىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر