49 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئەركىنلىككە ئېرىشتى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدا گۆرۈدە تۇتۇلۇۋاتقان 49 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئەركىنلىككە ئېرىشتى.

132601
 49 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئەركىنلىككە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدا گۆرۈدە تۇتۇلۇۋاتقان 49 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئەركىنلىككە ئېرىشتى.
پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان بۇ خۇشخەۋەرنى باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ يەتكۈزدى.
داۋۇتئوغلۇ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 49 كىشىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 5 ئەتراپىدا شانلىئۇرفاغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەزەربەيجاندا تاڭ سەھەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
داۋۇتئوغلۇ، ئۇدا 3 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇسۇلدا گۆرۈدە تۇتۇلۇۋاتقان 49 نەپەر تۈركىيە ۋەتەندىشىنىڭ ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى نەتىجىسىدە تاڭ سەھەردە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىۋاستە شانلىئۇرفاغا يېتىپ، ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئورگىنىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر