باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ پاكىستان باش مىنىستىرىغا تېلېفون ئېلىپ، پاكىستانغا تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

121646
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن سەل ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفكە تېلېفون قىلدى.

سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستان خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ بارلىق ئورگانلىرى بىلەن ھەرتۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ يەنە لاھوردىكى گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن جامەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈنمۇ تەزىيە بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر