سۈرىيە چېگراسىدا ئىككى خىتاي پۇقراسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى
تۈركىيەنىڭ كىلىس چېگراسىدا سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىشكە ئورۇنىۋاتقان خىتاي پۇقراسى 2 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
110814
تۈركىيە - سۈرىيە چېگراسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتۈپ تۈركىيەگە كىرىشكە تىرىشىۋاتقان ئىككى كىشىنى بايقاپ قالدى. خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان مەزكۇر ئىككى گۇماندار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
ئەلبەيلى ناھىيەسىدە سوراق قىلىنغان 2 گۇماندار تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئۈچۈن چەت ئەللىكلەرگە مەسئۇل ئىدارىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.