يېڭى باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بولىدۇ

تۈركىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بولىدۇ

99660
 يېڭى باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بولىدۇ.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزى ئىجرائىيە ھەيئىتى داۋۇتئوغلۇنى پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسەتتى.
داۋۇتئوغلۇنىڭ نامزاتلىقىنى جامائەتچىلىككە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇقتۇردى.
تۈنۈگۈن ھەممىنىڭ دىققىتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە مەركەزلەشكەنىدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلىنشىدىن كېيىن مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئىتى پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبىرىنى بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى.
يىغىندا ئۇدا 2 ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كېڭەش باسقۇچى مۇزاكىرە قىلىندى.
پارلامېنت ئەزالىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۆلكە مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىنىڭ پىكىر - تەلەپلىرى بىر - بىرلەپ قاراپ چىقىلدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تارىخىي مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنى 3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.
يىغىندىن كېيىن، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىگە جايلاشقان يىغىن زالىغا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە كىرىپ كەلدى.
كېڭەش باسقۇچىدا نۇرغۇنلىغان شەخسلەرنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن كۆپ ساندا نامزات چىقىشىنىڭ ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، ئالدى بىلەن پارتىيە باشلىقلىقى ۋە باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان كىشىنىڭ بىرلا شەخس بولۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان، نامزاتنىڭ كەڭ كۆلەملىك كېڭەش نەتىجىسىدە ھەمدە مەلۇم پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەرگە ئاساسەن بەلگىلەپ چىقىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئەردوغان، ئاخىرىدا، 27 - ئاۋغۇست كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا پارتىيە رەھبىرى نامزاتى بولىدىغان كىشىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئەردوغان، سۆزىدە يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە چارە باسقۇچىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، داۋۇتئوغلۇنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر