جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
ئالى سايلام كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 21 مىليون كىشىنىڭ % 51.79 لىك ئاۋازىغا ئېرىشىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12 – جۇمھۇر رەئىسى بولغان، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئورتاق نامزاتى ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلۇ % 38.44، سەلاھاتتىن دەمىرتاش % 9.76 ئاۋازغا ئېرىشكەن
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
ئالى سايلام كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 21 مىليون كىشىنىڭ % 51.79 لىك ئاۋازىغا ئېرىشىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12 – جۇمھۇر رەئىسى بولغان، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئورتاق نامزاتى ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلۇ % 38.44، سەلاھاتتىن دەمىرتاش % 9.76 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
سايلام توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلغان ئالى سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى سادى گۈۋەن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نامىدىن ھازىرلانغان كۆپ ئىمزالىق ئىسپاتنامىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەككە تاپشۇردى.
جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان 28 – ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.
ئەردوغان كېيىنچە چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئابدۇللاھ گۈلدىن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.