ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بالكون نۇتقىدا تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

86866
ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەپ قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ 12 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ 12 يىل ئىچىدە يولغا قويغان مۇقىم ئىقتىسادىي سىياسەتلەر ئارقىلىق قەرز ئالىدىغان دۆلەتتىن قەرز بېرىدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بارلىق تۈرك خەلقىگە يېڭى جۇمھۇر رەئىسنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەپ، تۈركىيەنىڭ بۇ سايلامدىن كېيىن تېخىمۇ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ: «ئاللاھ تۈركىيەنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئاللاھ تۈركىيەگە ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق ئاتا قىلسۇن، ياشىسۇن تۈركىيە – قىرغىزىستان قېرىنداشلىقى!» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر