داۋۇتئوغلۇ: مالىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ نۇرى ئەل مالىكىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

86861
داۋۇتئوغلۇ: مالىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا سايلامدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر زور قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى.
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ نۇرى ئەلى مالىكىنىڭ قول ئاستىدىكى قىسىملارغا يوليۇرۇق بېرىپ پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى قورشاۋغا ئېلىشىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
داۋۇتئوغلۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «نۇرى ئەل مالىكىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەي تۇرۇۋېلىشى، بارلىق تەرەپلەرنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئەكسىچە بۇ ئورۇندىن ۋاز كەچمەي تۇرۇۋېلىشى، بولۇپمۇ پىرېزىدېنت فۇئاد ماسۇمنىڭ ئۆيى ۋە پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى قورشاۋغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى قاتارلىقلار ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىمۇ سۈننىي رەھبەرلەرگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنغانىدى. نەتىجىدە ئىراق خەلقى زور پالاكەتكە دۇچ كەلگەنىدى. بۇ ھەقىقەتەن ۋەھىملىك ئىشلاردۇر. ئىراقتا نۆۋەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان پارلامېنت ۋە قولىدىكى ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئىشلىتىشتە قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بىر پىرېزىدېنت بار. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يوللۇق سىياسەتنى قوللايمىز ۋە بۇ يوللۇق سىياسەتكە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارغا قەتئىي قارشىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر