جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى باشلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى سائەت 08:00دا باشلىدى

85183
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا 52مىليون 894 مىڭ 115 سايلىغۇچى 165 مىڭ 108 ساندۇقتا ئاۋاز بېرىدۇ.
سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئورتاق نامزاتى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلۇ ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى نامزاتى سەلاھەتتىن دەمىرتاش رىقابەتلىشىدۇ.
بۇ سايلامدا نامزاتلارنىڭ رەسىملىرى تۇنجى قېتىم ئاۋاز بېلەتلىرىدە ئورۇن ئالدى. ئالىي سايلام كومىتېتىدا تاشلانغان چەكتە ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ تۇنجى قاتارىدا ئەردوغان، ئىككىنچى قاتارىدا دەمىرتاش، ئۈچىنچى قاتاردا ئىھسانئوغلۇنىڭ رەسىملىرى بار. پۈتكۈل تۈكىيە مىقىياسىدا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى سائەت 08:00دا باشلىدى ۋە سائەت 17:00دە ئاخىرلىشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تۈرك پۇقرالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش پائالىيەتلىرىمۇ دۋاملاشماقتا. چېگرا ئېغىزلىرىدا بۈگۈن سائەت 17گىچە ئاۋاز بەرگىلى بولىدۇ.
چەتئەللەردىكى ئاۋاز بېلەتلىرى ئايرۇپىلان ئارقىلىق ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ، تۈركىيەدە ئاۋاز بېرىش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارلىق ئاۋاز بېلەتلىرى بىرلىكتە سانىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ۋاقىتلىق نەتىجىلىرى ئالىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن ئەتە ئېلان قىلىنىدۇ. رەسمىي نەتىجىلەر 15-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلىنىدۇ. سايلامنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا ئاۋازلانىڭ كۆپ سانلىقىغا ئېرىشكەن نامزات تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12-جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. سايلام ئىككىنچى باسقۇچقا قالغان تەقدىردە چەتئەللەردە ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى 17-ئاۋغۇستتا قايتىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. چەتئەللەردىكى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى 20-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ. تۈركىيە مىقياسىدا 24-ئاۋغۇستتا قايتىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر