تېل ئاۋىۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى توختىتىپ قويۇلدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ بېن گۇرىئون ئايرودورۇمىغا قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ بىر كۈن توختاتتى.

68131
تېل ئاۋىۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى توختىتىپ قويۇلدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ بېن گۇرىئون ئايرودورۇمىغا قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ بىر كۈن توختاتتى. ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئىسرائىلىيەگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى توختىتىپ قويدى.
قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، «ئىسرائىلىيە تېل ئاۋىۋ بېن گۇرىئون ئايرودورۇمىدىكى بىخەتەرلىك خەۋپى سەۋەبىدىن تۈرك ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ ئايرودورۇمغا قىلىدىغان سەپەرلىرى سائەت 22 دىن باشلاپ 24 سائەت بويىچە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇل – تېل ئاۋىۋ ئارىسىدا قاتنايدىغان ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى بېن گۇرىئون ئايرودورۇمىغا يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىغا قايتىپ كەلدى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئەلى گەنچ، ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش بېتى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، مەۋجۇت ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ، تېل ئاۋىۋ قاتنىشىنى 24 سائەت بويىچە توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى» دېدى. گەنچ، ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەھۋالغا قاراپ قاتناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارار كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، فىرانسىيە ۋە كانادامۇ تېل ئاۋىۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر