داۋۇتئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە سۇرىيەگە ئالاقىدار تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

131204
داۋۇتئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى، ئۇرۇش توختىتىش خىزمەتلىرى ۋە سۇرىيەگە ئالاقىدار تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
داۋۇتئوغلۇ بۇ دائىرىدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى خالىد مەشئەل، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فران ۋالتېر ستېئىنمىئېر ۋە ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، غەززەدىكى ئەھۋاللار ۋە ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسى بىلەن ئىراقتا ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش جەريانى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
داۋۇتئوغلۇ يەنە ئىراق پارلامېنتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باشلىقى سەلىم جىبۇرىغا تېلېفون ئېلىپ، تەبرىكلىدى.
مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ تۈنۈگۈن كەچتە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) جىددىي ئەھۋاللار كوردىناتورى ۋالېرى ئاموسقا تېلېفون ئېلىپ، سۇرىيەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. تېلېفون سۆھبىتىدە، ب د ت دا قوبۇل قىلىنغان سۇرىيەگە ئىنسانپەرۋەر ياردەم قىلىش لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىلاتى مۇھاكىمە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر