تۈركىيە بەسرەدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىدى

تۈركىيە، ئىراقتا بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان مۇقىمسىزلىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ بەسرەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى خادىملارنى باشقا يەرگە يۆتكىدى.

98827
تۈركىيە بەسرەدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىدى

تۈركىيە، ئىراقتا بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان مۇقىمسىزلىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ بەسرەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى خادىملارنى باشقا يەرگە يۆتكىدى.
دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە تۋېتتىردا تارقاتقان ئۇچۇرىدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارى بەسرەگە ئاغدۇرۇلدى. داۋۇتئوغلۇ، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيەنىڭ بەسرەدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ بوشىتىلغانلىقى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىخەتەر شەكىلدە كۇۋەيت تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ۋە «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئىراقتىكى خەۋپلىك جايلاردىن يۆتكەش ئۈچۈن كىرىزىس مەركىزىمىز ۋە باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىز 24 سائەت توختاۋسىز خىزمەت قىلماقتا» دېدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، باغدادتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بوشىتىلىشىغا دائىر قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. دىپلوماتىك مەنبەلەر، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ بەسرەگە قاتناشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، كونسۇلخانىنى تاقىۋېتىش قارارىنىڭمۇ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى
بۇ جەرياندا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان مۇسۇل كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن تۈرك شوپۇرلارنىڭ تۈركىيە قايتىشى يولىدىكى خىزمەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش باسقۇچىمۇ توختاۋسىز داۋام قىلماقتا. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەكنى زىيارەت قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن 9- ئېغىر جازا مەھكىمىسى مۇسۇل كونسۇلخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى تارقىتىشنى مەنئى قىلدى. بۇ چەكلىمىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن نامەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر