ئىران پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ 9 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيەگە قىلىدىغان تارىخىي زىيارىتى ھارپىسىدا تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى

76411
ئىران پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ 9 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيەگە قىلىدىغان تارىخىي زىيارىتى ھارپىسىدا تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى.
تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ھاياتى يازىجى بۇ دائىرىدە ئىراننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئەلى رىزا بىكدەلىنى قوبۇل قىلدى.
بىكدەلى، رۇھانىنىڭ زىيارىتىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە تاموژنا ساھەلىرىدە تۈزۈلىدىغان كېلىشىملەرگە قارىتا ئالدىنقى زىيارەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 21 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، 2015 – يىللىق نىشان 30 مىليون دوللار ئىكەن.
بۇ نىشانلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى يولىدا قەدەم تاشلاندى.
يازىجى، نۆۋەتتە ئىران بىلەن چەتئەلگە چىقىلىدىغان 3 چېگرا ئېغىزىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا يەنە بىر چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىلاۋە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يازىجى، كاپىكۆي چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر