ئەردوغان ئافغانىستانغا ياردەم قىلغان تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتت

64194
 ئەردوغان ئافغانىستانغا ياردەم قىلغان تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافغانىستاندا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن تۈركىيەدىن ئاپەت رايونىغا بارغان قىزىلئاي، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى (İHH) قاتارلىق بارلىق تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشچىلىقىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاپەتكە قارشى تەييار مەكتەپ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى» نى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا، پائالىيەتنىڭ دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى.

قېرىنداش دۆلەت ئافغانىستاندا ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىنلىرىغا ۋە پۈتۈن ئافغانىستان خەلقىگە سەۋر تىلىگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئاپەتتىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ رايونغا يېتىپ بارغان خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قىزىلئاينى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يۈز بەرگەن ئاپەتلەردە نەق مەيدانغا بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغان، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا بىرىنچى بولۇپ ياردەم قولىنى ئۇزاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى ھالىغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر