جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ گىرۇزىيە زىيارىتى داۋاملاشماقتا

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، تىفلىستا چاقىرىلغان تۈركىيە - گىرۇزىيە - ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

63381
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ گىرۇزىيە زىيارىتى داۋاملاشماقتا

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ گىرۇزىيە زىيارىتى داۋاملاشماقتا.
.
2007 - يىلى دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىلىك يىغىن دائىرىسىدە باكۇ - تىفلىس - قارس تۆمۈر يولىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدىمۇ بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن گۈل، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق چوڭ - چوڭ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇللاھ گۈل، مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ يەنە كاۋكاز رايونىدا مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا ناھايىتى زور رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز كاۋكاز رايونىنىڭ ئېگىز تاغلىرىنى توسۇق بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۆتۈش ئېغىزى، ھەمكارلىق ساھەسىگە ئايلاندۇردۇق. بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز.»
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ، تۈركىيە - ئەزەربەيجان - گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ رايون ۋە دۇنياغا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز رايونلۇق ئەمەس، خەلقئارالىق ئورتاق نىشانلار ئۈستىگە قۇرۇلغان.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر