23.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2143223
23.05.2024

«ۋەتەن گېزىتى»، «ئەردوغان: <ئىسرائىلىيە 76 يىلدىن بۇيان قان تۆكمەكتە> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئىسرائىلىيە 76 يىلدىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەكتە، پەلەستىن خەلقىنىڭ زېمىنىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئىشغال قىلماقتا، خەلقئارا قانۇننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ھەر دائىم ئېنىق نامايان قىلماقتا. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلار چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىم» دېگەنلىكىنى يازدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «تۈركىيە پەلەستىن دۆلىتىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدىن خۇشال» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىرېلاندىيەنىڭ خىتابنامىسىدىن كېيىن، نورۋېگىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، نورۋېگىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە پەلەستىن بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ قاراردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى يازدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ پولشاغا 24 دانە بايراقتار ت ب 2 تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تاپشۇرۇشنى تاماملىغانلىقىنىڭ ئامېرىكادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانلىقىنى، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بايراقتار ت ب 2 تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پولشانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا يۈكسەلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەركىزىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى يازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، «تۈركىيە توگ ئارقىلىق ئاپتوموبىل ماگنىتالىرىدىن ئېشىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىل توگ ئارقىلىق تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى <AFP> نىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈركىيەنىڭ ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل بازىرى كۆلىمى ئاللىقاچان ئاپتوموبىل ماگناتى ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە توگ زاۋۇتىنىڭ تۇنجى يىلى تېسلادىنمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى، مەركىزىيي ئىشخانىسى لوندونغا جايلاشقان بازار تەتقىقات شىركىتى <Euromonitor> نىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھەرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، شەھەرلەرنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان بۇ تىزىملىكتە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئانتاليا ۋە مۇغلا قاتارلىق شەھەرلىرىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر