11.06.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2151284
11.06.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى»  سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى، ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان  مۇنۇ باياناتىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

«تۈركىيە ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىنىڭ دەل قارشى تەرىپىدە تېررورلۇق كارىدورى قۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى يازدى.

«‹سىتار› گېزىتى»، «شەرقىي قارادېڭىزدىن تۈركىيەنىڭ سالمون بېلىقى ئېكىسپورتى بۇ يىل 5 ئاي ئىچىدە% 45 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ شەرقىي قارادېڭىز رايونىدىن قىلىنغان سالمون بېلىقى ئېكىسپورتى يىللىق نىسبەتتە % 45 ئېشىپ، 67 مىليون 125 مىڭ 19 دوللارغا يەتتى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ۋېيتنام ۋە بېلارۇسىيە سالمون بېلىقى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان ئۈچ دۆلەت بولدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تۈركىيەنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى ئىشسىزلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 4-ئايدا تۈركىيەدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 18 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، 3 مىليون 42 مىڭ ئادەمگە تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر