04.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2110615
04.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كۆرۈشۈشتە تۈركىيە-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شاھباز شەرىفنى قايتىدىن باش مىنىستىرلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە يېڭى دەۋردە تۈركىيە-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلاشقان ھالدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رامىزان باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ ئۈمىد ۋە زور تىرىشچانلىقلار بار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خاقان فىداننىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى پېتېرنىڭ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ غەربىي ياۋروپا بولمىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە ئوخشىدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پېتېرنىڭ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتناشقان نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيانى ئايلىنىشقا مەجبۇر قالمىدۇق» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈچ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاتالايدىغان «HİSAR-O» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ۋىدېئوسىنى تارقاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئۈچ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلى، بىر دانە ھاۋا قالقان رادارى ۋە بىر دانە كونترول مەركىزىدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر