29.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2094614
29.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (28-يانۋار) بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقىغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنى توختىتىش قارارىدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»،  سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىرنىڭ تۈنۈگۈن بىر تۈركۈم تەتقىقاتچى، ئالىملارنىڭ 8-قېتىملىق ئانتاراكتىكا بىلىم سەپىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئانتاراكتىكاغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىر كاجىرنىڭ ئانتاراكتىكادا تۈركىيە بىلىم تەتقىقات بازىسى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەلىك تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە مىنىستىر مەھمەت فاتىھ كاجىر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سامسۇن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن توردا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ  ئالەمدە قىلىدىغان تەجرىبىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىسپانىيە رېئال مادرىد كوماندىسىغا يۆتكەلگەن تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئاردا گۈلەرنىڭ ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر