20.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2141592
20.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىدا ياشلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 19-ماينىڭ ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ۋە ئۈمىدىنىڭ ياشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزغىن تەبرىكلەنگەنلىكىنى، خەلقنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى قويۇلغان ئانىتقابىرنى (ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى) زىيارەت قىلغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىن باكنىڭ ئانىتقابىر خاتىرە دەپتىرىگە: «دۆلىتىمىز ۋە بايرىقىمىزنى ھەر ساھەدە يۈكسەلتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتارنىڭ، يېقىندا تەبىئىي گاز بايقالغان قارا دېڭىزدىن نېفىت بايقالغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «نېفىت تېپىلىش ئالامەتلىرى بار قارا دېڭىزدىكى بەزى جايلاردىكى تەكشۈرۈشلىرىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا خۇش خەۋەرنى ئورتاقلىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا ئىستانبۇلدا تۈزۈلگەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاش مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ھۆججەتنى تېلېۋىزىيە نەق مەيدان تارقىتىشىدا ئىمزالىغاندىن كېيىن: «دوستۇم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سالاملىرىمنى يوللايمەن» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىدىكى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي نىسبىتىنىڭ %40 كە يەتكەنلىكىنى، تۈركىيە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي دوكلاتلىرىنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى، پاي چېكى بازىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ يېڭى يۈكسەك پەللىلەرنى يارىتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر