13.09.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2036619
13.09.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەۋەر تۈرك» گېزىتى، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى» غا يېتىش ئۈچۈن پۇقراۋى، دېموكراتىك، ئەركىنلىكنى ئاساس قىلىدىغان ۋە ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئېھتىياج بارلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى بارلىق پارتىيەلەر بىلەن يېڭى ئاساسىي قانۇن ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەلمەنفى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئەلمەنفىگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، ئىسرائىلىيەدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان گېزىتلەردىن بىرى بولغان «‹خارېتز› گېزىتى» نىڭ يازغۇچىسى زىۋى بارېلنىڭ «ئەردوغان ئىسرائىلىيەگە ئەركىنلىك دەرسى بەرمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنى سېلىشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقىنى، ئەردوغاننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن بىر ساۋاق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹سىتار› گېزىتى»، « تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم شېرىك دۆلەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارھېليى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە ھازىرمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات دۆلەت. شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، يېقىن قوشنا، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي كاۋكاز، قارادېڭىز رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن مۇھىم شېرىك دۆلەت.»

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئالدىنقى ئايدا قىبرىستا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىتەرەپ رايونغا جايلاشقان پىلە كەنتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان يول قۇرۇلۇشى جەريانىدا ب د ت تىنچلىق قىسمى ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان جىددىيلىكتىن كېيىن، ئالدىنقى كۈنى پايتەخت لەفكوشادا ئىككىنچى سۈركىلىش يۈز بەردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ ۋەقە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەپسىزلىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر