07.06.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1996277
07.06.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭى ئىچكى كابىنېتنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، پۇل پاخاللىقى ۋە تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسىنى پۇقرالارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»: «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە  قانىلىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەردوغان ئانالىزى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سايلامدا غەلبە قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئەلجەزىرە  تېلېۋىزىيە قانىلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئانالىز ئېلان قىلدى.

ئەلجەزىرە  تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئانالىزىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئەردوغاننىڭ قايتا سايلىنىشى تۈركىيە-پارس قولتۇقى ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇنداق: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رايون رەھبەرلىرى بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىملىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ.»

«‹يېڭى شەپەق › گېزىتى»: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ «دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تەتۈر تەشۋىقات مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرىشىمىز مۇرەسسەسىز داۋاملىشىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

«‹ساباھ› گېزىتى»: تۈركىيەدىكى دېھقانچىلىق تارماقلىرىنىڭ ماي ئېيىدىكى ئېكسپورتىنىڭ 14 مىليارد 58 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»: «تۈركىيە لىراسى بىلەن بولغان تاشقى سودا مىقدارى 287 مىليارد لىرادىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، تۈركىيە  لىراسى بىلەن بولغان تاشقى سودا مىقدارى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 138.8 ئېشىپ، 287 مىليارد 59 مىليون لىراغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر