08.05.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ساباھ» گېزىتى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۇدان ئارمىيەسى بىلەن سۇدان تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل چوبانئوغلۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەيلى باش ئەلچىمىز مەيلى قوغدىغۇچى دوستلار ياكى ئالاھىدە قىسىملىرىمىز بولسۇن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېچبىرى يارىلانمىدى، ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى» دېگەن.
«ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيە نېفىتلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتى (TPAO) نىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ ئاماسرا- 3 رايونىدا بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، تۈركىيە نېفىتلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلەنگەن باياناتتا: «تۈركىيەنى ئېنېرگىيەدە مۇستەقىل ھالەتكە كەلتۈرۈش نىشانىنى بويلىغان ھالدا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى ئىزدىنىشلىرىمىز داۋاملاشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
«ۋاتان» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ سۈپەتلىك نېفىتىنىڭ گابار تېغىدىن ئېقىشقا باشلىغانلىقى، گاباردىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زاپاس مىقدارىنىڭ 1 مىليارد ۋارىلغا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
«ستار» گېزىتى: ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئاكادېمىك نىكولاس ج. كۇلنىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، TB2 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈچىنىڭ ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.
«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى «Tabii (تەبىئىي)»نىڭ ئۇزۇن تەييارلىق باسقۇچىدىن كېيىن تۈنۈگۈن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سۇپىدا ئېلىشىشتىن تارتىپ كومېدىيەگىچە، تارىخىي دىرامىلاردىن تارتىپ كارتونلارغىچە بولغان ھەر خىل كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى «Tabii» نىڭ «www.tabii.com» ناملىق تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10.05.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: