29.03.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1966550
29.03.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى:  تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇداپىئە سانائىتى داۋاملىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ «CNBC» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئانالىزدا تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ساھەسىسدە رېكورت ياراتقانلىقى تەكىتلەندى ۋە «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يەرلىك شىركەتلەرگە داۋاملىق كۈچلۈك مەبلەغ سېلىشىنى يولغا قويغان يىگىرمە يىللىق لايىھەسى مېۋە بېرىشكە باشلىدى» دېيىلدى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى رېئاكتىپ ئايروپىلانى «HÜRJET» نىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىشىغا ئاز قالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە  جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ  «HÜRJET» ئايروپىلانىنىڭ ئامبىرىدا قىلغان سۆزىدە، «HÜRJET» نىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىشى ئۈچۈن يەنە بىر قانچە قېتىملىق سىناق ئۇچۇشىنىڭ قالغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى  تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز  قوراللىق دېڭىز ئاپپاراتىنىڭ «مارلىن» ناملىق پاراخوتىدىن تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى يازدى.

«خەۋەر تۈرك» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ يانۋار – فېۋرال ئايلىرىدىكى ھەسەل ئېكسپورتىنىڭ 6 مىليون 485 مىڭ 105 دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ  كۆپ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر بولغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«سىتار» گېزىتى: گىرېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي دېپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوستاس فرانگوياننىسنىڭ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا «ئىجابىي كۈنتەرتىپ» دائىرىسىدە ھەمكارلىققا قاراپ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر