26.01.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1938050
26.01.2023

«ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەشتەپەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا شىۋىتسىيەگە قارىتا، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغانلار مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىم» دېيىلگەنلىكىنى ھەمدە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بېرىۋاتقان ياردەملىرىنى توختىتىشى ھەمدە تېررورچىلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چېلىكنىڭ شىۋىتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ ئارقىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ۋە تۈركىيەگە بولغان دۈشمەنلىك بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ ناتسىست ئىددىيەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تەلىپى بولغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە شىۋىتسىيەنىڭ ئارقىدىن فىنلاندىيەنىڭمۇ قەدەم تاشلىغانلىقىنى ۋە فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «تۈركىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ئەسلىھە ئېكسپورتى ئېمبارگوسى بىكار قىلىندى» دېيىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ۋە ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ تۋىتتېر باشقۇرغۇچىلىرىغا ۋە ئېلون ماسكقا خىتاب قىلىپ ئىلگىرى تۈركىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى ئەسكەرتكەنلىكىنى ۋە: «ئىلگىرى تۋىتتېر ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا قانداق ئارىلىشىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئېلان قىلىڭلار! جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋە بىزنىڭ ھېسابلىرىمىزغا قانداق چەكلىمىلەرنىڭ قويولغانلىقىنى ئاشكارىلاڭلار!» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانكنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا يوللىنىدىغان نامزاتلارنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېقىندا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ لايىھە دائىرىسىدە، ئىككى ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى نامزاتى بېكىتىلىدۇ. نامزاتلاردىن بىرسى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىلىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر