20.01.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1935533
20.01.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاماسيا بادال تونېلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، «ئۆتمۈشتە ئۆزىمىزنىڭ كىرىزىسلىرىمىز بىلەن بوغۇشىدىغان بىر دۆلەت ئىدۇق، ھازىر دۇنياۋى كىرىزىسلارنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇق. نۇرغۇنلىغان چوڭ لايىھەلىرىمىز ۋە ئەمگەكلىرىمىزنىڭ خەيرىلىك نەتىجىىلىرىنى ئالىدىغان 2023-يىلنى تارىخقا، شەرەپ ۋە غۇرۇر بىلەن يازىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ۋاسيل بودنارنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشىدا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىنسانىي كارىدور تەسىس قىلنىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇكرائىنادا 200 رۇس بار، رۇسىيەدە 800 ئۇكرائىنالىق ئەسىر بار. ۋاقتى كەلگەندە بۇلار تۈركىيە ئارقىلىق ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئامېرىكادا چىقىدىغان «The Hill» گېزىتىدە، ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، بوسنىيە-گېرسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىسېرا تۈركوۋىجنىڭ، «مېنىڭچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانى، بولۇپمۇ بالقان رايونىنى چۈشىنىدىغان بىر دۆلەت بار دېسەك، ئۇ دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر