16.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1906840
16.11.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»،  تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ G20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى» يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «دۇنيا ئوغۇت بازىرى تېز سۈرئەتتە مۇقىملىققا ئىگە قىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئالدىمىزدىكى يىلدا تېخىمۇ ئېغىر يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىغا دۇچ كېلىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بالىدىكى G20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پىرېزىدېنت بايدىن  «F-16» غا مۇناسىۋەتلىك قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىتالىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى كۆرۈشۈشتىن كېيىن، «ئىككى رەھبەر قانۇنسىز كۆچكە قارشى كۈرەشتە ۋە لىۋىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر گېزىتى»، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ مەلۇماتلىرىدا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئېكسپورتىنىڭ 11 مىليارد 998 مىليون دوللارغا يېتىپ، بارلىق مەزگىللەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى يانۋار-ئۆكتەبىر رەقىمىگە يەتكەنلىكىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، بۇ يىل (2022) 50 مىليون ساياھەتچى ۋە بۇنىڭدىن 44 مىليارد دوللار كىرىم قىلىشنى نىشان قىلغان تۈركىيەنىڭ، يازلىق ساياھەت پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن قىش پەسىللىك ساياھەتكە تەييارلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى فىرۇز باغلىكايانىڭ، «قىش پەسلىدە مېھمانسارايلارنىڭ تولۇش نىسبىتى %90 ئەتراپىدا بولىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر