15.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1906483
15.11.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، ئىستانبۇل ئىستىقلال كوچىسىدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قىلغان تېررورىستنىڭ 1999-يىلى تۇغۇلغان سۈرىيەلىك ئاھلام ئالباشىر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تېررورىستنىڭ سۈرىيەدە پ ك ك|پ ي د نىڭ ئالاھىدە خادىمى سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈلۈپ تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ، «تېررورىستلار تۇتۇلدى. ئەگەر تۇتۇلمىغان بولسا گىرېتسىيەگە قاچاتتى. بىز قانداق ۋە قايسى شەكىلدە كورىناتسىيەدە ئىكەنلىكىنى، قەيەردىن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دۇچ كەلمەكتىمىز. پ ي د نى ئۇ يەردە كىم باققان بولسا، پ ك ك نى كىم ئىچكى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولسا، جىنايەتچى شۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ G20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان ھىندونېزىيەدە، ئىستىقلا كوچىسىدىكى ھۇجۇم ئۈستىدە توختىلىپ، «جىنايەتچىلەر، تېررورىستلار ۋە تېررورىستلارنىڭ ئارقىسىدىكىلەر ھېساب بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىستانبۇلدا ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 81 كىشى يارىلانغان بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»،  تەييار كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمچىلىق ساھەسىنىڭ بۇ يىلنىڭ (2022) دەسلەپكى 10 ئېيىدا 17 مىليارد 873 مىليون دوللار قىممىتىدە مال ئېكسپورت قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى يانۋار-ئۆكتەبىر ئېكسپورت رېكورتىنى ياراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر