29.09.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

1886162
29.09.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيەنىڭ ئەگەدىكى ئاراللارغا ئامېرىكا بىرونىۋىكلىرىنى ئەۋەتىشى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ئاراللارنى قورالسىزلاندۇرۇشى شەرت. ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز، گىرېتسىيەنى خاتا يوللارغا كىرگۈزمەسلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قايمۇقتۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 28-سېنتەبىر) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «گىرېتسىيەنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك قانۇنلۇق مېتود ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تورىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى، ھازار دېڭىزىنىڭ شەرقىي بىلەن غەربىنى ئۆزئارا ھەمكارلىقلار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقا-ئارقىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئانتاليادا يازلىق ساياھەت پەسلى ئاخىرلاشقىنىغا قارىماستىن، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ رېكورت سەۋىيەگە چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئانتاليا ۋالىيسى ئەرسىن يازىجىنىڭ ئانتالياغا ئايروپىلان بىلەن كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ 10 مىليون 788 مىڭ 467 گە يەتكەنلىكىنى، ئانتاليا ئايرودۇرۇمىدا گېرمانىيەلىك ۋە رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر