15.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1867908
15.08.2022

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەشەببۇس» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى 12 دۆلەتتە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى: خەلقئارا تەرتىپنى قايتا ئورنىتىشقا ئىنتىلىش» تېمىسىدا بىر يۈرۈشلۈك يىغىن تەشكىللەيدىغان بولدى. جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ب د ت ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار كۈچلۈك ئاممىۋى دىپلوماتىيە ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدارە باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، يۈرۈشلۈك يىغىننىڭ خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىدىغانقىلىقىنى ئېيتتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قىبرىس ھەققىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، رۇم تېررورلۇق تەشكىلاتى <EOKA> نىڭ 1958 - يىلدىن ئېتىبارەن قىبرىس تۈركلىرىگە سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھۇجۇملار تۈركلەرگە قارىتىلغان قىين - قىستاق، رەھىمسىزلەرچە قاتىلللىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئايلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا، قىبرىس مەسىلىدىكى بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش لازىملىقى تەكىتلەندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيەدە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يولى ئوچۇق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر تۈركىيەدە ئارمىيە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى دېگۈدەك قاندۇرىدىغان خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيەدە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئالدى ئوچۇقتۇر» دېدى.

ئىسمائىل دەمىر تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «دۇنيادا داڭلىق ماركا بولۇشتا يەنە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق ئېكسپورتى 7 ئاي ئىچىدە 6 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق خام ئەشيا ساھەسى 2022 - يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچەبولغان مەزگىلدە 6 مىليارد 119 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئېكسپورت نىسبىتى %9.5 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن توقۇمىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق خام ئەشيا سانائىتى ساھەسى 1 - ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت نىسبىتىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل 7 ئايدا، بۇ ساھە ئىتالىيەگە 635 مىليون دوللارلىق، ئامېرىكاغا 340 مىليون دوللارلىق ۋە ئىسپانىيەگە 323 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «يەرلىك ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل كارخانا گۇرۇھى (TOGG) زاۋۇتىنىڭ 29 - ئۆكتەبىردە كوجائەلى گەبزەدە ئېچىلىدىغانلىقىنى، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانكنىڭ «بىز 29 - ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى ئاچىمىز. ئاپتوموبىللىرىمىز تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، يوللارغا چىقىشقا باشلايدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر