03.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1863242
03.08.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۈررىيەت» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن قوزغالغان كۆممىقوناق بېسىلغان يۈك پاراخوتىنىڭ ئىستانبۇل بوغۇزى قارادېڭىز پورتىغا لەڭگەر تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان – ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز بۇ خىل يىغىنلار ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىشىمىز كېرەك. بۇ خىل يىغىنلار ھەم خەلقىمىزگە ھەمدە دۇنياغا ناھايىتى كۈچلۈك ئۇچۇر بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ۋەتەن» گېزىتى، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانكنىڭ «نۆۋەتتە چاناققەلئە رايونىدا  80 مىليارد بىلەن 100 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئالتۇن-كۈمۈش يەر ئاستىدا ياتماقتا» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى، دۇنيادا پەقەت ئەلازىغنىڭ ئالاجاقايا ناھىيەسىدىنلا چىقىدىغان گىلاس مەرمەر تاشلىرىنىڭ ئامېرىكا، خىتاي، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى؛ بۇ مەرمەر تاشنىڭ ئاقساراي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى، مەسجىدى ئەقسا ۋە كەئبە قاتارلىق دۇنيانىڭ داڭلىق ماكانلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، كوۋىد-19نىڭ پەسكويغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ساياھەت پاراخوتى ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىنىڭ تۈركىيەگە نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا، 286 پاراخوتنىڭ 200 مىڭغا يېقىن يولۇچى بىلەن پورتلىرىمىزغا لەڭگەر تاشلىغانلىقىنى؛ 2022- يىلى 900 ساياھەت پاراخوتى بىلەن بىر يېرىم ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر