21.06.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە؛

1846140
21.06.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (20-ئىيۇن) ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرۈشۈشتە، دۇنيا ئاشىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارادېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، مادرىد باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىت ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يوللۇق بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئىجابىي ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ خىل مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پارلامنېت كۆچمەنلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ناھايىتى ئاستا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «بەختكە قارشى، تۈركىيە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە يالغۇز قالدى. تۈركىيەگە زۆرۈر ياردەملەرنىڭ قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، كۆچكە مۇناسىۋەتلىك دۇنياۋى مەسئۇلىيەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى ىەۋەر قىلدى.

 «يېڭى شەپەق گېزىتى»، ماي ئېيىدا (2022) تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن چەت ئەللىكلەر سانىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ (2021) ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 308.48 ئېشىپ، 3 مىليون 824 مىڭ 555 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر