13.05.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1826538
13.05.2022

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ پارىژدىكى باش كونسۇلخانىسىغا بومبا ھۇجۇمى قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى تۈركىيەنىڭ باش كونسۇلخانىسىغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋىلىنغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇمدا كونسۇلخانا بىناسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئالاقىدار مەنبەلەر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  بىلەن چېتىشلىقى بار تەشكىلاتلارنىڭ  ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئەردوغان: <توكيودا پەخىرلەندۇق، نۆۋەت پارىژدا> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 2020-يىلى توكيوغا 87 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتكەنلىكىنى، تۈكىيەنىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ تەنھەرىكەتچى يوللىغان دۆلەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈرك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ خەلقئارالىق چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدا نۇرغۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «مەن 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىمۇ ھەم تەنھەرىكەتچىلەر سانى، ھەم ئېرىشىدىغان مېداللىرىمىز جەھەتتىن يېڭى رېكورت يارىتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنىڭ چېكى ئۆستۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنىڭ چېكى 250 مىڭ دوللاردىن 400 مىڭ دوللارغا چىقىرىلغان جۇمھۇر رەئىسلىك قارارنامىسىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ بىر ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بەلگىلىمىگە كىرگۈزۈلگەن يەنە بىر ئۆزگەرتىش بىلەن خۇسۇسىي پىنسىيە سىستېمىسىغا 500 مىڭ دوللار ياكى شۇنىڭغا تەڭ چەتئەل پۇلى ياتقۇزۇپ قاتناشقان ۋە بۇ سىستېمىدا 3 يىل تۇرغان چەتئەللىكلەرنىڭمۇ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، بۇ يېڭى قارارنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا دەۋر بۆلگۈچ لەيىھە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارا ئىسمائىلئوغلۇ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى زەگېزور تۆمۈر يولى ۋە تاشيول لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن ئىستانبۇلدىن خىتايغا تۇتىشىدىغان يېڭى بىر كارىدورنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كارىدور ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەرزان باھادا ياۋروپاغا مال ئېكسپورت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ ھەمدە تۈرك دۇنياسىنى بىر – بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىستانبۇل ئايرودرومىغا ھەيران قالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەنگلىيەنىڭ بېرمىنھام شەھىرىدىكى <بېرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنىستىتۇتى>دا ئاۋىئاتسىيە ۋە ساياھەت كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سەيلىسى ئۈچۈن ئىستانبۇلنى تىللىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 60 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىستانبۇل ئايرودرومىغا ھەيران قالغانلىقىنى، لاتۋىيەلىك مېھمان ئوقۇغۇچى ئايجا بۇسانىڭ: «مەن بۇنداق مۇكەممەل ئايرودرومنى كۆرۈپ باقمىغان» دېگەنلىكىنى يازدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر