25.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1767912
25.01.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئۆمەر چەلىك رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا توغرىسىدا بەرگەن سىگنالىنىڭ دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «نۇرغۇن كىشىلەر كرىزىسنىڭ پاقات بىر تەرىپىغىلا ئاۋاز چىقارغان پەيتتە، پەقەت تۈركىيەلا كىرىزىسنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە قارىتا، يەنى ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە تەرەپتىنمۇ ئىجابىي قارشى ئېلىنىدىغان سىگناللارنى بەردى شۇنداقلا ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويالىدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «مىنىستىر كوجا ئامىكرون ۋارىياتنى ھەققىدە ئۈمىت بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجانىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئومىكرون ۋارىيانتى بەلكىم يۇقۇمنىڭ ئاخىرىلىشىشىغا ئۈمىت بولۇشى مۇمكىن. ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەر ئومىكرونغا دۇچ كەلگەندە، ھەم يۇقۇمغا ئاسان تاقابىل تۇرالايدۇ، ھەم ئىممۇنىتېت كۈچى يۇقۇرى ئۆرلەيدۇ. ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ئەتە ئۈچۈن ئۈمىدۋار بولۇڭ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «بىز ھەم دۆلىتىمىزنىڭ، ھەم تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىنىڭ قوغدىغۇچىسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى فائىز سۇجۇئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا: «بىز تۈرك دۆلىتىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر پارچىسىمىز، يەنى بىز ئاق دېڭىزنىڭ قوغدىغۇچىسى. كۆك ۋەتەننىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىنىڭ قوغدىغۇچىسى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تېسلانىڭ تۈركىيەگە يۆتكىلىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل ماگناتى تېسلا تۈركىيەدە قۇرغان «تېسلا موتورس» ناملىق شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ مۇھىم ھەرىكەتتە بولدى. ئىلگىرى «Lufthansa» شىركىتىنىڭ تۈركىيە-ئىراق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولغان كەمال گەچەر تېسلا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولدى. بۇ شىركەت تېزدىن قۇرۇلمىنى تاماملاپ، «Model X »، «Model Y»، «Model 3» ۋە «Model S» ناملىق  4 خىل ئاپتوموبىلىنى بۇ يىل تۈركىيەدە سېتىشقا سۇنىدۇ.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «خام پولات ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت يارىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ خام پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ بۇلتۇر 2020 - يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %12.7 ئېشىپ، 40 مىليون توننىدىنمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى ۋە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارىغا يەتكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر