07.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1758736
07.01.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «تۈركىيە قازاقىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، قازاقىستاندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاندا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بالدۇرراق قۇرۇلۇشى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، قازاقىستان خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە سۆھبەتلەر ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ساباھ» گېزىتى: «مىللىي جەڭ ئايروپىلانى 2023- يىلى ئىسكىلاتتىن چىقىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ھەققىدە خۇش خەۋەر بېرىپ: «2023- يىلى مىللىي جەڭ ئايروپىلانىمىزنى ئىسكىلاتتىن چىقىرىپ پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىمىز. زەربە بېرىش ئەترىتىمىز تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنى 2025- يىلى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ۋە 2029- يىلى ئاسمانلاردىكى ئورنىنى ئالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ (تۈركىيەدە) تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مىللىي ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى دائىرىسىدە، ھازىرچە <ھىسار>لارنى ياساۋاتقانلىقلىرىنى، پات يېقىندا <سىپەر> ۋە باشقىلارنى تاماملايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىشتا، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قۇددۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق رايونلۇق پىلان ۋە قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا 3557 يۇرۈش ئۆي – ماكاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئولتۇراق رايون پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىرلىق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاسىتىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا تەىسس قىلىنغان ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «78 ۋىلايەت ئېكسپورتىنى ئاشۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىلىدىكى 225 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئارقىسىدا «ئانادولۇ يولۋاسلىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان شەھەرلەرنىڭ زور تۆھپىسىنىڭ بارلىقىنى؛ 78 ۋىلايەتنىڭ ئېكسپورتىنى ئاشۇرغانلىقىنى، 48 ۋىلايەتنىڭ يىللىق ئېكسپورت رېكورتىنى بۇزغانلىقىنى؛  16 شەھەرنىڭ ئېكسپورتىنى% تىن كۆپرەك ئاشۇرغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان خاتايدا پولات - تۆمۈر سودىسى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. قاھرامانماراش توقۇمىچىلىق ۋە پولات  تۆمۈر ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئېكسپورت سوممىسىنى 1 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر