03.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1728758
03.11.2021

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، <تۈركىيە بارلىق توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە نۆۋەتتە بارلىق توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى، يېقىنقى 15 – 20 يىل ئىچىدە، بەزىلەر، <ئۇنداق قىلالمايسىلەر، بۇنداق قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭلارغا، مۇنداق قىلىشىڭلارغا يول قويمايمىز> دېيىشتى، ئەمما بۇنداق توسالغۇلارنىڭ ھەممىسى بىر – بىرلەپ بىر چەتكە قايرىۋېتىلدى.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر سويلۇ گىرېتسىيە كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:  

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ گىرېتسىيە كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى مىنىستىرى نوتىس مىتاراكىس بىلەن كۆرۈشتى.

سويلۇ بىلەن گىرېتسىيە كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى مىنىستىرى نوتىس مىتاراكىس، ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، پايتەخت ئەنقەرەدە بىخەتەرلىك ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، كۆچمەنلىك، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «بىل گەيتىس بىلەن جېف بېزوسنىڭ بودرۇمدىن ئايرىلغۇسى يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تېخنولوگىيە شىركىتى مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىسنىڭ چوڭ تىپتىكى «لانا» ناملىق ساياھەت پاراخوتى بىلەن ۋە ئامېرىكا ئونلاين سودا ماگناتى ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوسنىڭ « Flying Fox» ناملىق سەيلە كېمىسى بودرۇمغا كەلدى. تەخمىنەن 10 كۈندىن بۇيان مىليون دوللارلىق سەيلە كېمىلىرى بىلەن ئىزمىر، ئايدىن ۋە مۇغلا دېڭىز ساھىللىرىنى ئايلىنىۋاتقان بىل گەيتىس بىلەن جېف بېزوسنىڭ، بىل گەيتىسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بودرۇمغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»،  «تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى بىلەن ئىمپورتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تېز سۈرئەتتە ئازايماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە، بۇ يىل ئېكىسپورتتا  ئايلىق ۋە يىللىق نىسبەتتە رېكورت ياراتتى، ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتىمۇ  % 93.4 بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ۋىكتورىيە زەينەپ گۈنەشنىڭ تارىخى مۇۋەپپەقىيىتى! ئۇ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە مەملىكەتلىك سۇ ئۈزۈش ماھىرى ۋىكتورىيە زەينەپ گۈنەش، ياۋروپا قىسقا مۇساپىلىك سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 400 مېتىرغا ئارىلاشما ئۈزۈش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، قۇرامىغا يەتكەن ماھىرلار ئارىسىدا تۈركىيەگە تۇنجى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قازاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر