26.08.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1697664
26.08.2021

 

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»،  «تۈرك ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن قايتماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەر خىل ئالاقىلەر، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە شارائىتلار باھالاپ چىقىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تالىبان ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىتلىسنىڭ ئەھلات رايونىد ئۆتكۈزۈلگەن باش ئەلچىلەر كەچلىك زىياپىتى پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، «ئافغانىستاندا ھەممىنى قوينىغا ئالالايدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى كېرەك. تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ھازىرچە ئېھتىياتچانلىق ۋە ئىجابىيلىق  بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»  «ئەردوغان: <بىز دۇنيادىكى ھەر بىر ھالقىلىق مەسىلىدە سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالازگېرت غەلبىسىنىڭ 950 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىتلىسنىڭ ئەھلات رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈنۈگۈن ئۆز چېگرىسى ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش كۈرىشى قىلغان دۆلەتتىن، بۈگۈنكى كۈندە رايوندىكى ۋە دۇنيادىكى ھەر بىر ھالقىلىق مەسىلىدە سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇق»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  تۈكوۋاك ۋاكسىنىسى 3-باسقۇچلۇق تەتقىقات دائىرىسىدە پىدائىيلارغا ئەملىنىشكە باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قەيسەرى ئېرجىيېس ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە سەھىيە ئىنستىتۇتى باشقارمىسى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرغان كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى تۈكوۋاك 3-باسقۇچلۇق تەتقىقات دائىرىسىدە قەيسەرى ئېرجىيېس ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىدائىيلارغا ئەملىنىشكە باشلاندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودورۇمى 2050-يىلغىچە ھاۋا بۇلغىنىشنى 0 گە چۈشۈرۈشكە ۋەدە بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل ئايرودورۇمى خەلقئارا ئايرودورۇم كېڭىشى باشلىغان ۋە 238 ئايرودورۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2050 يىلىغىچە ھاۋا بۇلغۇنىشنى 0 گە چۈشۈرۈش ئەھدىنامىسىغا قېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر