16.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1658936
16.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ <شۇشا باياننامەسى> نى ئىمزالىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە «شۇشا باياننامەسى» نى ئىمزالىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىمزا مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تاغلىق قاراباغنىڭ ئۆز ئىگىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇشادا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باش كونسۇلخانا ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ خالۇق بايراقتارغا قاراباغ مېدالى تەقدىم قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، بايقار گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خالۇق بايراقتارغا «قاراباغ مېدالى» تەقدىم قىلدى. «قاراباغ مېدالى»، بايقار گۇرۇھى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ قاراباغ زەپىرىدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىشى سەۋەبلىك تەقدىم قىلىندى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «گېرمانىيە تاراتقۇلىرى سەلچۇق بايراقتارنى ماختىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹خاندېلسبلات› گېزىتى» (Handelsblatt) تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ قول ئىلكىدىكى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، بايقار گۇرۇھىنىڭ تېخنىكا ئىشلىرى مۇدىرى سەلچۇق بايراقتارغا يۇقىرى باھا بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «41 ياشلىق تۈرك كارخانىچى بايراقتار، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق دۆلىتىنى يۈز بەرگۈسى ئۇرۇشلاردا تېخىمۇ ياخشى كارتىغا ئىگە قىلدى ۋە قوشنىسى رۇسىيەنىڭ چىشىغا تەگدى.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە سۇ ئېلېكتىر ساھەسىدە دۇنيا رەت تەرتىپىدە يۇقىرى ئۆرلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئالدىنقى يىلى 2 مىڭ 480 مېگاۋاتلىق يېڭى سۇ ئېلېىكتىر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ياۋروپادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇنغا يەكسەلدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات بانكىسى يېشىل ئىقتىساد ۋە كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى كىرىستىيان كارارېتتو، «نۆۋەتتە ياۋروپا ھىدروگېنغا ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا ھىدروگېن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىپ ياۋروپاغا سېتىلىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر