07.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1653086
07.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇقتۇردى، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ۋە شىمالىي ئىراقتىكى ماھمۇر ئومۇمىي ئىشلار مەسئۇلى سەلمان بوزقىرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ئاقار: <تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى بارلىق زامانلارنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، «تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى، 200 مىڭ سائەت/يىل ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بارلىق زامانلارنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەي دېڭىز ئارمىيەمىز! سىلەر تارىخىمىزغا يېڭى بىر سەھىپە يازدۇردۇڭلار، يېڭى بىر سەھىپە ئىلاۋە قىلدىڭلار» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئەڭ ئۈنۈملۈك باللىستىك قوغداش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، « Leopard 2A4» تىپلىق تانكىلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان بىرونېۋىكلارنى بىر يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش ۋە تانكىلارغا سەپلەش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرونېۋىكلار، نۆۋەتتە دۇنيا ئارمىيەلىرىدىكى < Leopard 2A4> تىپلىق تانكىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان ئەڭ ئۈنۈملۈك باللىستىك قوغداش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «پاكدەمىرلى سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىمىزنىڭ 1 مىليارد 63 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلى، 2020 – يىلى سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 785 توننىغا، ئېكسپورت رەقىمىنىڭ 1 مىليارد 63 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن 15 ئاينىڭ رېكورتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

2021 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىدە ئەڭ كۆپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، جۈمە كۈنى ئىشقا ئاشۇرغان 863 ئۇچۇش بىلەن، يېقىنقى 15 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ كۈندىلىك ئۇچۇش سانىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر