19.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1624008
19.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كونفېرانس» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان، 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، قانۇنىي تەرىپى ۋە كۈنىمىزگە كۆرسەتكەن ئەكس تەسىرلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان «1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كونفېرانس»، ئەتە تور مۇھىتى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«‹ستار› گېزىتى»، «سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك: < VLP ۋاكسىنىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار سەۋىيەدىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

VLP (ۋىرۇسقا ئوخشاش زەررىچىلەرنى ئاساس قىلىدىغان) يەرلىك ۋاكسىنىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىنسانلار ئۈستىدە سىناق قىلىنىش باسقۇچىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن  ۋاكسىنا ئەملەتكەن سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، ۋاكسىنىنىڭ ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز  VLP ۋاكسىنىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار سەۋىيەدىمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  « TOGG چوڭ مۇكاپاتكا لايىق كۆرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى (TOGG) ، C-SUV مودېلى بىلەن، دۇنياغا داڭلىق « iF Design Award 2021» دە، تۈركىيەدىن ھەرىكەتچانلىق ساھەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ماركا بولدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتارنى قولدىن بېرىپ قويمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ھاۋا يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) تەييارلىغان ھاۋا قاتنىشى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 604 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن، ياۋروپا ئايرودۇرۇملىرى ئىچىدە بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن بودرۇم ۋە ترابزونغا بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئائىت FlyDubai ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ترابزون ۋە بودرۇمغا بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئايروپىلان سەپەرلىرى، ترابزونغا ھەپتىدە 3 قېتىم، (مۇغلانىڭ) بودرۇمغا ھەپتىدە 2 قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر