06.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1615587
06.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 1936-يىلى ئىمزالانغان مونترۆ بوغۇزلار شەرتنامىسىنىڭ تۈركىيەگە كەلتۈرگەن پايدىلىرىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى، تېخىمۇ ياخشىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغىچە مەزكۇر شەرتنامىگە داۋاملىق سادىق بولىدىغانىلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كەلگۈسىدە ئېھتىياج ھېس قىلىنغاندا، دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر شەرتنامىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشتىن چېكىنمايدىغانلىقلىرىنىمۇ بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كوسوۋۇنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ۋژوسا ئوسمانى سادىرىيۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ كوسوۋۇدا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مۇساپىسىغا تۇتقان ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى مەزگىلدە تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر گېزىتتە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتار ئەمىرى ئالسانى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ئالەم ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن يىلدىرىمنىڭ، رۇسىيە بىلەن ئالەم ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمىنىڭ پات ئارىدا ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، كىملىك بىلەن ساياھەت قىلىشنى باشلىغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ يەنە يېڭى كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن سەھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق ساياھەت مۇنبىرى قۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كېلىشىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە چوڭ رول ئوينىغان، بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ زەپىرىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئېغىر زەربە بەرگەن تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى سەلچۇق بايراقدار تەرىپىدىن يېڭى لايىھە ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، سەلچۇق بايراقدارنىڭ ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان ياساش تەتقىقاتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.  


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر