31.03.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1611848
31.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «ئەردوغان <يەرلىك ۋاكسىنىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە سۇنىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن، «<كوۋىد – 19> يۇقۇمىدىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىلىق تور يىغىنىغا يوللىغان ۋىدېئولۇق سىگنالىدا، نوپۇسىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەتلەر بار بولسىمۇ، لېكىن مىلياردلىغان كىشىلەرنىڭ، ھەتتا تۇنجى قېتىم ۋاكسىنىغا ئېرىشەلمەيۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بار بولۇشىنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت نامىدىن قاتتىق ئەندىشىلىك ئەھۋال  ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرىمىز تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ ۋاكسىنىنى ئەڭ پايدىلىق شارائىتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن دۇنياغا ئوچۇق سىگنال» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىندىن كېيىن باياننامە ئېلان قىلىندى. باياننامىدە، سۈرىيەدىكى ئاكتىيورلارغا، ئىنسانىي كىرىزىسنى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتقان ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىلىشكە چاقىرىق قىلىندى. تۈركىيەگە قارشى سىياسەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقان گىرېتسىيە، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، ئەنقەرەنىڭ لىۋىيە خەلقىگە ياردەم بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، قىبرىس ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز ئۈچۈن ھەققانىيەتنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ماختاۋاتقانلارنىڭ سېپىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلمۇ قېتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىق ياۋروپالىق سىياسىيونلارنىڭ سېپىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلمۇ قېتىلدى. بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  تۈركىيە بىلەن تاموژنا بىرلىكىدىن كۆچمەنلىككە قەدەر ئورتاق مەنپەئەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە بىلەن ئاكتىپ ھالەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»،  «تۈركىيە دېچقانچىلىق كىرىمى جەھەتتىن ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە، ئومۇمىي ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى، 9 مىليون توننىدىن 126 مىليون توننىغا يۈكسەلدۈرۈپ، (1923-يىلدىن بۇيانقى) جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. دۆلەتنىڭ چوڭ باش ھايۋان مۈلكى، 2020-يىلى، 18 مىليون 200 مىڭغا يېتىپ، جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى؛ كىچىك باش ھايۋان مۈلكى بولسا، ئالدىنقى يىلى% 12 ئېشىپ، 54 مىليون 100 مىڭغا يۈكسىلىپ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سانغا يەتتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان <ۋان كۆلى> سۈرىتى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تەرىپىدىن تارتىلغان تور سۈرەت مۇسابىقىسىدە، «ۋان كۆلى» نىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان سۈرىتى، 28 پارچە سۈرەتنى ئارقىدا قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان نۇرغۇن كۆك رەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ۋان كۆلى» نىڭ سۈرىتى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر