12.03.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1599968
12.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن» گېزىتى: «ئەردوغان: مۇستەقىللىق مارشىمىز بارلىق ئىزىلگۈچىلەرنى ئىلھاملاندۇردى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مىللىي شائىر مەھمەت ئاكىف ئەرسوي تەرىپىدىن يېزىلغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت شېئىرى (ئىستىقلال / مۇستەقىللىق مارشى) نىڭ بارلىق ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئىستىقلال / مۇستەقىللىق مارشىنىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە ھۆكۈم سۈرگەن مۇستەملىكە تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «مەھمەت ئاكىفقا ئوخشاش بىر شائىرغا ۋە ئىستىقلال مارشىغا ئوخشاش مۇستەقىللىق خىتابنامىسىگە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قانچىلىك شۇكۇر قىلساق ئازلىق قىلىدۇ» دېگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «ئەردوغان: بىز يۇقۇم مەزگىلىدە ساغلاملىق ساھەسىدە داستان يازدۇق (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا كوۋىد – 19 يۇقۇمى تۈركىيەدە كۆرۈلگەندىن كېيىنكى بىر يىلدا ساغلاملىق ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «بىز سەھىيە قوشۇنىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلىرىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن دوختۇرخانىلىرىمىز ۋە كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز بىلەن سەھىيە ساھەسىدە داستان يازدۇق» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى: «سەھىيە مىنىستىرى كوجا: كوۋىد  - 19 قاباھەتلىك چۈشى 2021 - يىلى داۋاملاشمايدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ، ئەگەر تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 50 مىليونلۇق قىسمىغا ئەتىياز پەسلىگىچە ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولسا، يۇقۇمنىڭ بېسىمى ئاجىزلاپ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ۋە كوۋىد  - 19 كۈرىشىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۇنجى ئالدىنقى سەپلەردىن بىرىنىڭ تۈركىيە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ۋاكسىنا پىلانى مۇكەممەل شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. كوۋىد  - 19 قاباھەتلىك چۈشى 2021 - يىلى داۋاملاشمايدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «تۈركىيەنىڭ كوۋىد  - 19 تەجرىبىسى دۇنياغا ئاڭلىتىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى يۇقۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۈنۈملۈك كۈرىشى بايان قىلىنغان turkiyestopscovid.co ناملىق تور بېتىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەنلىكىنى، «ئىنسانىيەت ئۈچۈن» دېگەن شوئار ئاستىدا تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا تەييارلانغان تور بەتنىڭ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ھەم ئۆز پۇقرالىرى ھەم پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيە بولماي تۇرۇپ، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىتالىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماسسىمو گائىيانىنىڭ، شەرقىي ئاقدېڭىزدا مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بار، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ رايونغا تۇتاش ئەڭ ئۇزۇن قىرغىقى بولغان تۈركىيەنىڭ، رايوننىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئورنىغا ئىشاەت قىلغان گائىيانى: «تۈركىيەنىڭ ئادىل ئىشتىراك قىلىشى بولماي تۇرۇپ، بۇ رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئۇزۇن مەزگىللىك چارە تاپقىلى بولمايدۇ، دەپ قارايمەن» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر