17.12.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1547054
17.12.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (2020-يىلى 16-دېكابىر) بايانات ئېلان قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە قارشى يولغا قويغان ئېمبارگولىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا ئېمبارگولىرى جاكارلاندى. 2017-يىلىدىن بېرى كائاتسا (CAATSA) تېمىسىدا ھېچقانداق دۆلەتكە بۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ باقمىدى. تۇنجى قېتىم ناتوغا ئەزا دۆلەت بولغان دۆلىتىمىزگە قارىتا يولغا قويۇلدى. بۇ قانداق ئىتتىپاق، قانداق ئىتتىپاقلىق» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ، ئالدى بىلەن كورد (كۈرت) لارنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىن پۈتۈنلەي تازىلىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىزدە قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، يۇتۇبنىڭ تۈركىيەدە يەرلىك ۋاكالەتچى تەيىنلەش باسقۇچنى باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يۇتۇبنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى قوغداشقا، پائالىيەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشقا ھەر دائىم ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، فاينانشېل تايمېس (Financial Times)  ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىپ تېپىپ چىققان گېرمانىيەلىك ئەر-ئايال تۈرك بىيونتېك (biyotek) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجىنى «يىلنىڭ ئادىمى» غا تاللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان گېزىتتە، ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجىنىڭ بىر يىلدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىپ، زور ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر