01.12.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1537333
01.12.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى رامكىسىدا ئېلىنغان قارارلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى 21:00 دىن 05:00 كىچە، ھەپتە ئاخىرلىرى جۈمە كۈنى 21:00 دىن دۈشەنبە كۈنلىرى ئەتىگەن سائەت 05:00 كىچە ئومۇمىيۈزلۈك سىرتقا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋاكسىنا توغرىسىدا دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «دەسلەپكى قەدەمدە 50 مىليون شىشە ۋاكسىنا ئۈچۈن كېلىشىم تۈزدۇق. پۇقرالىرىمىز ھېچقانداق ھەق تۆلىمەستىن ۋاكسىناغا ئېرىشەلەيدۇ. ئالدىمىزدىكى ئاي سەھىيە خادىملىرىنى ئەملەش ئىشلىرى باشلىنىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ، گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدا جاھىللىق بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە مەسىلىنى باشقا جايلاردا ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ھۇلۇسى ئاكارنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە، يىرىكچىلىكلەرنى كۈچەيتىۋاتقان تەرەپنىڭ گىرېتسىيە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نېمە بولسا، شۇنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 28 يىلدىن بۇيان ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرغان لاچىن ۋىلايىتىگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 ئەرمېنىيەنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان لاچىن ۋىلايىتى تاغلىق قاراباغ بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا بىردىنبىر يول بولغان ۋە «لاچىن كارىدورى» دەپ ئاتالغان يول بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن 1990-يىللاردىكى ئۇرۇشتا ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ بىرىنچى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. 1992-يىلى 18-ماي ئىشغال قىلىنغان.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ بۇ يىل (2020) نىڭ ئۈچىنچى چارەكتىكى ئىقتىسادىي ئېشىش جەھەتتە، دۇنيادا ئىقتىسادى ئەڭ تېز ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە تۈركىيەدىن باشقا، خىتاي ۋە تەيۋەن ۋە ۋىيېتنام مۇسبەت ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ئىقتىسادى ئۈچىنچى چارەكتە %4.9، تەيۋەن ئىقتىسادى %3.92 ۋە ۋىيېتنام ئىقتىسادى %2.62 ئاشقان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر