06.11.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1522933
06.11.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (2020-يىلى 5-نويابىر) بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنى تەبىئىي ئاپەتلەرگە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىزمىردا يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ تەمىنلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خارابىلىقنى يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە بىر ئاي ئىچىدە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە-قاتار ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتى 6-قېتىملىق يىغىنىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئانتالياغا كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالسانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تېمىلاردا ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ تۈنۈگۈن «فاتىھ» بۇرغىلاش كېمىسىنىڭ «1-تۈركئەلى قۇدۇقى» دا بۇرغىلاش ئىشلىرىنى باشلىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «فاتىھ بۇرغىلاش كېمىمىز ‹1-تۈركئەلى قۇدۇقى› دا بۇرغىلاش ئىشلىرىنى باشلىدى. خەيرىلىك بولسۇن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىنىڭ 2020-يىلى ئۆكتەبىردە 1 مىليون 898 مىڭ 632 يولۇچى كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ تۇنجى كاپىتانسىز ھەربىي دېڭىز ئاپپاراتىنىڭ 2020-يىلى دېكابىر ئېيىدا سۇغا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كاپىتانسىز ھەربىي دېڭىز ئاپپاراتىنىڭ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «روكېتسان» (Roketsan) تەرىپىدىن ياسالغانلىقى ۋە 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئوق ئېتىش سىنىقىنىڭ قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ساباھ , #ۋەتەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر