04.11.2020
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىزمىرنىڭ بايراكلى ناھىيەسىدە يەر تەۋرەپ ئارىدىن 91 سائەت ئۆتكەندە ئۈچ ياشلىق قىز ئايدا گەزگىننىڭ خارابىلىق ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ىەۋەر قىلدى.
«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار شەرقىي ئاقدېڭىز ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغاندا: «گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ھېچكىم ئۆزىنىڭ كۈچىدىن ئېشىپ، بەزى ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنمىسۇن، بۇلار ئاخىرى يوق خالتا كوچا. ھەق-ھوقۇقىمىزنى تارتقۇزۇپ قويمىدۇق، ھەم تارتقۇزمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر ئايال ۋە بىر ئەر ساقچىنى قۇتقۇزۇۋالغان ئىككى تۈرك رەجەپ تاييىپ گۈلتەكىن بىلەن مىكائىل ئۆزەننىڭ «قەھرىمان» ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە ئاپتوموبىل ۋە كىچىك تىپتىكى سودا ئاپتوموبىللىرى جەمئىي بازىرىنىڭ 2020-يىلى يانۋار ئېيىدىن ئۆكتەبىر ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۆتكەن يىلى (2019) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %78.1 ئېشىپ 588 مىڭ 354 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10.05.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: