22.10.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1513761
22.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»،  «جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن پاشىنياننىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، قاراباغ ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلغاندىلا ئاندىن جەنۇبىي كاۋكاز رايونىغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىبراھىم كالىن تىۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا «(ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول) پاشىنياننىڭ <قاراباغ ئۈچۈن دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى يوق> دېگەن سۆزلىرى، ئەرمېنىيەنىڭ ئەسلى نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. كىمنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، « TURKSAT 5A نىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقتى ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ TURKSAT 5A سۈنئىي ھەمراھىنىڭ نويابىرنىڭ ئاخىرىدا ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «Turksat 5B بولسا،  2021 - يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە، ئاندىن بىزنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىمىز بولغان Turksat 6A بولسا، 2022 – يىلى قويۇپ بېرىلىدۇ» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتى خەلقئارالىق ئۇچۇش تورىغا 6 لېنىيەنى قوشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتى خەلقئارا ئۇچۇش تورىغا 6 لىنىيەنى قوشتى. بۇ شىركەت لوندون، بۇخارېست، بانكوك، سىنگاپور، بېيرۇت ۋە لاھورنى ترانسپورت تىجارىتىگە قوشقان بولدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئېغىز چايقاش ئارقىلىق كوۋىد-19 نى تەكشۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرى كوۋىد-19سىنىقىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى 20 ھەسسە ئاشۇرىدىغان ئېغىز چايقاش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئالالايدىغان بىر يۈرۈش زاپچاس ياساپ چىقتى. بۇ ئۇسۇلدا، تاياق بىلەن ئەۋرىشكە ئېلىشنىڭ ئورنىغا، ئېغىز چايقالغاندىن كېيىنكى سۇ ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «<ئەرۋاھلار> ۋارشاۋا كىنو فېستىۋالىدىن مۇكاپات بىلەن قايتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەزرا دېنىز ئوكاي يازغان ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان، دىلىك ئايدىن ئىشلىگەن «ئەرۋاھلار» ناملىق فىلىم 36 - نۆۋەتلىك ۋارشاۋا كىنو فېستىۋالىدىن مۇكاپات بىلەن قايتتى. ئەرۋاھلار خەلقئارا ياش كىنو يازغۇچىلار تەشكىلاتى باھالىغۇچىلار ئەترىتى تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر